خىتاي دائىرىلىرى تۇرپاندا 167 خىل چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش تۈرىنى قايتا باشلىغان

خىتاي دائىرىلىرى 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا 8 خىل سانائەت تۈرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، تۇرپان شەھىرىدە 167 خىل چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش تۈرىنى قايتا باشلىغان. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر 10-فېۋرال كۈنى تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى «پىچان سانائەت باغچىسى» نىڭ «كرىمنىي يېڭى ماتېرياللار ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» دا 2023-يىلىنىڭ 1-پەسلىدىكى چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى مەركەزلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى 167 خىل چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش تۈرىگە 129 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئىكەن.

تۇرپان خىتاينىڭ كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم بولغان بەزى خەم ئەشيالىرىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «كرىمنىي يېڭى ماتېرياللار ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» شۇلارنىڭ بىرىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۇنيادىكى كۈنتاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئاساسلىق خام ماددىسى بولغان پولىسىلىكون، يەنى كۆپ خىل بىرىكلىمىلىك كرىمنىي ئ‍ىشلەپچىقىرىشىنى مونوپول قىلغان بولۇپ، ئەنگىلىيە شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، كۆپ خىل بىرىكمىلىك كرىمنىي رۇدىسى قېزىشتا ناھايىتى كۆپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ناچار ساغلاملىق شارائىتىدا بۇ زەھەرلىك رۇدىنى قېزىشقا سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، 10-فېۋرال كۈنى قايتا باشلانغان 167 خىل قۇرۇلۇش تۈرى، ئۇل ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئەشيا ئوبوروتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە باشقا ساھالەرگە چېتىلىدىكەن. خەۋەردە، بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە ئومۇمىي مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ 69 ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل 20 مىليارد 430 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت دائىرىلەر تۇرپان شەھىرىدە بۇ يىل مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىمۇ كۈچەيتىدىكەن. دائىرىلەر مۇقىم مۈلۈككە جەمئىي 235 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى، مۇقىم مۈلۈك سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 274 خىل تۈرنى بېكىتىپ چىققانلىقى، بۇ يىل 29 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.