تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان تاش چەمبەرلىرىنىڭ سىرى يېشىلدى


ئارخېئولوگلار 2003 - يىلى تۇرپان ئاستانىدا تېپىلغان 200 دەك تاش چەمبەر ۋە تىك تۆت بۇلۇڭلۇق شەكىللەرنىڭ سىرىنى يەشكەن. ئامېرىكا «خۇففىڭتون پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئارخېئولوگلار مەزكۇر چەمبەر ۋە تىك تۆت بۇلۇڭلۇق شەكىللەرنىڭ بۇنىڭدىن 4500 يىل بۇرۇن ياسالغان قۇياشقا چوقۇنغۇچى يەرلىك چارۋىچى خەلقلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئورنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئارخېئولوگى ليۇ ئەنگو خىتاي ئاخباراتىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇ خىل قۇربانلىق ئورۇنلىرىنىڭ پۈتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيادا تېپىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. برىستول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگى ۋولكېر خېيدنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇنىڭغا ئوخشاش چەمبەر شەكىللىك قۇربانلىق ئورۇنلىرى ئوخشاشلا موڭغۇلىيەدە بار ئىكەن. ئارخېئولوگ خېيد، ئۇنىڭ ۋاقتى بۇنىڭدىن 4500 يىل ئاۋۋالقى دەۋرلەرگە قەدەر يېتىپ بارىدۇ، دېگەن.

خىتاي ئاخباراتى، ئارخېئولوگلارنىڭ مەزكۇر شەكىللەرنى 2003 - يىلى بايقىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئاھالە بۇ شەكىللەرنى بۇرۇندىنلا بىلەتتى. 2003 - يىلدىن كېيىن بەزىلەر بۇ قۇربانلىق ئورۇنلىرىنىڭ ئاستىدا قەبرە بارلىقىدىن گۇمان قىلىپ، قېزىش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق قەبرە تېپىلغان. بۇ جەرياندا، يەرلىك ھۆكۈمەت قېزىش ئېلىپ بېرىشنى چەكلىگەن.

ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىپ، ھىدايەتكە ئېرىشىشتىن خېلى ئۇزۇن يىللار ئاۋۋال شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. شامان ئېتىقادىدا قۇياش «خۇدا» دەپ قارىلىپ، ھەريىلى ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش ئادىتى ئۇزۇن يىللار داۋام قىلغان. بەزى ئانالىزچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ھىدايەت يولىغا ماڭغىنىغا 1000 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلاردىكى بەزى ئادەتلەرنىڭ شامان ئېتىقادىدىن قالغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ.