تۋىتتېر خىتاينىڭ تەشۋىقات ھەرىكىتىگە چېتىشلىق 170 مىڭ ھېسابنى تاقىدى

ئامېرىكانىڭ تۋىتتېر ئىجتىمائىي ئالاقە تورى خوڭكوڭدىكى نامايىش، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئامېرىكادىكى جورجى فلويد ۋەقەسىگە قارشى نامايىشلارنى نۇقتا قىلغان خىتاي تەشۋىقات ھەرىكىتىگە چېتىشلىق 170 مىڭ ھېسابنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تۋىتتېر خىتايدا چەكلەنسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورى خىتاينىڭ خوڭكوڭ، ئۇيغۇر، لاگېرلار مەسىلىسى ۋە مەجبۇرى ئەمگەك، تەيۋەن، تىبەت، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز، كورونا ۋىرۇسى ۋە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۆز تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىش، قارشى پىكىردىكىلەرگە بېسىم ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش مۇنبىرىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.

تۋىتتېرنىڭ 11-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىم خىتاي تەشۋىقات ھەرىكىتىگە چېتىشلىق 23 مىڭ 750 يادرولۇق تۋىتتېر ھېسابى ۋە 150 مىڭ «كۆپەيتمە» ھېسابنى تاقىغان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تۋىتتېردىكى تەشۋىقات ھەرىكىتى چەتئەلدىكى خىتاي تىڭشىغۇچىلىرىنىڭ «خوڭكوڭ نامايىشى، كورونا ۋىرۇسى، تەيۋەن قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردىكى تونۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشنى نىشان قىلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى بەزى تاراتقۇلار ئىلگىرى خىتاينىڭ فەيسبۇك بىلەن تۋىتتېرا ئېلان-سەنئەت بەتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك ۋە جازا لاگېرلىرىنى ئاقلاۋاتقانلىقى، كىشىلەرنى بۇ ئورۇنلارنىڭ «ئېسىل جاي» ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. تۋىتتېر ئۆتكەن يىلى بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت كونتروللۇقىدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئېلان-سەنئەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۋىتتېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ قېتىم تاقالغان 170 مىڭ ھېسابنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەگەشكۈچىسى يوق بولۇپ، 95% ھېسابنىڭ ئەگەشكۈچىسى 8 گىمۇ يەتمەيدىكەن.