بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت تورى بولغان تەڭرىتاغ تورىدا «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زۇلھايات ئىسمائىل ئىسىملىك بىر دوتسېنتنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە قوللىنىلغان تېرمىنلار خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىلمىي بىر كۆزىتىش ۋە ياكى جىددىي بىر ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت بىلەن ئەمەس، پەقەت خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ زاكاز قىلىشى ۋە بېسىمى بىلەن يېزىلغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
ماقالىدە باياناتتىن پەرقلىق بىرلا پارچە ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تيەنئەنمېندىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ سىياسىي يۈرىكىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق جۇڭگودا ۋە دۇنيادا تېخىمۇ كەسكىن سىياسىي ئىنكاس ۋە تەسىر پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ماقالىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تەڭ تىلغا ئېلىنىپ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن.
خىتاي پىچاندا 26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ماقالە يېزىشقا تەشكىللىگەن ۋە قىستىغان ئىدى.