ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ھۇجۇمىنى «تېررورلۇق» دەپ ئاتاشنى رەت قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 28‏-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنى «تېررورلۇق»، دەپ ئاتاشنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېين ساكى پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ تيەنئەنمېن ھۇجۇمى توغرىلىق سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، خىتاي دائىم ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان توقۇنۇشىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى ياكى مۇسۇلمان ئەسەبىيچىلەرگە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلدى، بۇ توغرىمۇ، دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: مېنىڭچە بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىمىز ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس. بىز كىشىلىككە ھوقۇققا ئىشىنىمىز-ئەلۋەتتە، بۇ ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاش، بۇ بىز ئادەتتە سۆزلىشىپ كەلگەن مەسىلە، دېدى.

ئۇ يەنە، مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيۋاتقانلىقى، ئىجارە ئۆيلەردىن قوغلاپ چىقىرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئەلۋەتتە، بىز ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ۋەقە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم بار. بىز تەكشۈرۈشنى قوللايمىز. بىراق بۇنىڭدىن سىرت، قوشۇمچە قىلىدىغان باشقا كونكرېت سۆزۈم يوق، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى«تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەت ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىگە گۇمانلىق، قاراپ كەلدى.