خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى 28 -ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن، ۋەقەنى سادىر قىلغان ئوسمان ھەسەن، ئايالى ۋە ئۇنىڭ 70 نەچچە ياشلىق ئانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىلىق كونكرېت پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويمىغان.
ئۇ: بۇ ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانى بازا قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دېگەن.
28-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 5 ئادەم ئۆلگەن، ئۆلگەنلەرنىڭ 3 نەپىرى ھۇجۇمچى ئېلىپ بارغۇچى ئوسمان ھەسەن، گۈلقىز، قۇۋانخان قاتارلىق ئوغۇل، كېلىن ۋە ئانا بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر.
مىڭ جيەنجۇ، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ جىددىي ۋە تەشكىللىك تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن.
بىراق، مىڭ جيەنجۇنىڭ سۆزى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خادىمى نىكولاس بېكۇلىن مىڭ جيەنجۇنىڭ سۆزىنى «گۇمانلىق» دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن ئۇ، بۇ خىل زوراۋانلىق ۋەقەسى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ياكى بۇ ۋەقەنى ئۇنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەس، دېگەن.