ئانالىزچىلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمىن ھۇجۇمىغا «تېررورلۇق» قالپىقى كىيگۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردىكى خىتاي ئانالىزچىلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي، تيەنئەنمىن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىغا «تېررورلۇق قالپىقى» كىيدۈرۈپ، باستۇرۇشنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور چېن شاۋنۇڭ، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسەتتىكى مەغلۇبىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەي، 28‏-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىن ئاپتوموبىل ۋەقەسىنى «تېررورلۇق» ھۇجۇم، دەپ ئېلان قىلىشى ئىنتايىن خەتەرلىك، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىن زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشى ئۇيغۇر ئېلىدا زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ، جۇڭگو بۇ ۋەقەنى تېررورلۇققا باغلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى سىياسىي بېسىم ئۇلارنى بۇنىڭغا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادادا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى لى تيەنمىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىبەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا ئېتىراپ قىلىنغان «ئۆز مىللىي تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش» ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلدى، دېگەن.

ئۇ، بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى «جىھاد» چاقىرىقىغا ئاساسەن قارشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. لى تيەنمىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مىللىي ۋەزىيەتنى يۇمشاتماقچى بولسا، خۇ ياۋباڭ يولغا قويغان سىياسەت بويىچە، ئۇلارنى ئاپتونومىيىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.