«ئۇيغۇربىز» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ كۈن ئالمىقى تېخىمۇ تەسلەشكەن.
خەۋەردە شۇ خىل قىسمەتكە يولۇققان ناۋاي مەمەتتۇرسۇننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 28-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭ ناۋايخانىسىنى تاقىۋەتكەن. كېيىن ئۇ ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىدىن ھەيدەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتتۇرسۇن 2012-يىلى دېكابىردىن بۇيان بېيجىڭدا تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ، بۇ جەرياندا ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان.
ئۇيغۇر بىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندىن كېيىن، ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىپ شىكايەت قىلغان. ساقچىلار «پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشىغا يول يوقلۇقى» نى بىلدۈرۈشكەن.
28-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققان ئۇيغۇرلار كۆپ ئىكەن.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. دائىرىلەر ھۇجۇمچىلارنىڭ ئوسمان ھەسەن قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.