شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 15-نويابىر تيەنئەنمېن ھۇجۇمى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى يەنە تېررورلۇققا باغلىغان ۋە بۇ ۋەقە تېررورلۇق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئوسمان ھەسەن، ئايالى گۈلقىز، ئوسمان ھەسەننىڭ ئانىسى قۇۋانخان رەھىمنىڭ 28-ئۆكتەبىردە تيەنئەنمېن مەيدانىغا قىلغان ھۇجۇمىنى دەرھال «تېررورلۇق» دەپ جاكارلىغان ئىدى. بىراق د ئۇ ق خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان.
«تيەنئەنمېن ۋەقەسى تېخىمۇ كەڭ ئىسلامچى تېررورلۇق تورىنىڭ ئالاقىسىدىن بېشارەت بېرىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا، تيەنئەنمېن ھۇجۇمىنى ۋەزىرىستاندىكى ش ت ئى ھ گە باغلاپ، بۇ ئورگاننىڭ ئەل-قائىدە يېقىن ئالاقىسى بولسىمۇ، لېكىن غەرب ئاخباراتىنىڭ بۇ پاكىتقا كۆز يۇمغانلىقى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كوزىرى ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق «ئەسەبىي ئىسلامچىلار» نىڭ تەھدىتىگە سەل قارىماسلىقنى تەكىتلىگەن.
لېكىن، ماقالىدا تيەنئەنمېن ھۇجۇمى بىلەن ش ت ئى ھ نى ئالاقىسىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمىگەن.
خىتاي تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى تېررورلۇق، دەپ جاكارلاپ، ھۇجۇمنى ش ت ئى ھ گە باغلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئوخشاشلا بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىپ باقمىدى.
خىتاينىڭ بايانى چەتئەل ئاخباراتى ۋە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكى گۇمانلىق» دەپ ماقالە ئېلان قىلغان CNN قاتارلىق بەزى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تەنقىد قىلغان.