تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىغۇچى تەيۋەندە پاناھلىق تىلىگەن

1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىغۇچى خىتاي ياش ھۆكۈمەت پاراكەندىچىلىكى تۈپەيلى تەيۋەندە پاناھلىق تىلەشنى قارار قىلغان.

بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن گوڭ يۈجيەن ئۆتكەن ئايدا تەيۋەنگە ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىرگەن ۋە تەيۋەندىن قايتىپ كېتىش ۋاقتى توشقان بولسىمۇ تەيۋەندە تۇرۇپ قالغان.

ئۇ شۇ جاي ۋاقتى 26-ئاۋغۇست بايانات بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى يىللاردىن بۇيان توختاتمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رېيتېرستا نەقىل قىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ 1990-يىلى بىر يىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا بەند قىلىنغانلىقى، شۇندىن كېيىن ھەرخىل باھانىلەر بىلەن كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1989-يىلى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆركەش دۆلەت قاتارلىق ياشلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىش قىلىپ خىتاينى دېموكراتىيىگە چاقىرغان.

ھالبۇكى، دىڭ شاۋپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرى شۇ يىلى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن مەيدانىغا تانكىلار بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.

بۇ ھەرىكەت شۇندىن كېيىن «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ۋە ياكى«تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.