ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ئۇيغۇرلارغا ئىپتار بەردى

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى پايتەخت ۋاشىنگتون يېنىدىكى فائىرفەكس شەھىرىگە جايلاشقان تۈرك - ئامېرىكا دوستلۇق جەمىيىتىنىڭ زالىدا ئىپتار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.

ئىپتار پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف باشچىلىقىدىكى كۆپ ساندا ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، بىرلىكتە ئىپتار قىلدى. پائالىيەت جەريانىدا خەتمە - قۇران قىلىندى شۇنىڭدەك رابىيە قادىر ۋە ئالىم سېيتوف سۆز قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ رامازانىنى تەبرىكلىدى.

ئائىلىلەر ئۆيلىرىدە تەييارلاپ كەلگەن مەزىلىك يېمەكلىرىنى داستىرخانلارغا تىزىۋەتكەن بولۇپ، جامائەت بىرلىكتە ئېغىز ئېچىپ، رامىزان يېمەكلىرىدىن ھوزۇرلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل روزا تۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن، ھاۋانىڭ ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي، ۋاشىنگتون رايونى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى روزا تۇتقان بولۇپ، روزا تۇرۇش ئەھۋالى يىلدىن - يىلغا كۆپىيىشكە باشلىغان.