ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس قايتا پارتلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى نۇرغۇن جايلارنى قاتتىق قامال ئاستىغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئۈچ بازا بىر قانال قۇرۇلۇشى» سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. خىتاينىڭ «ئۈچ بازا بىر قانال قۇرۇلۇشى» ئۇنىڭ 14- 5 يىللىق پىلانى مەزگىلىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرنى ئېلىنى خىتاينىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك، ئېنېرگىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنداقلا ترانسپورت قانىلىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئېچىش ۋە مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى «ھەسسىلەپ ئاشۇرغان» تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ ئۆزىلا 9 خىل ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرىگە 6 مىليارد 240 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرىگە سېلىنغان ئومۇمى مەبلەغ 49 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 52 پىرسەنت ئارتۇق ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى كۈچىيىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، ئارگېنتىنا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز سۇنۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، بۇ رايوننى ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك، ئېنېرگىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشى دىققەت قوزغايدىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا خىتاينىڭ رايوندىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىمۇ كۆرۈنەرلىك ئارتقان بولۇپ، رايون بويىچە 181 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلغان. بۇنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 30 پىرسەنتتەك ئارتقان.