يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچىگە قۇرۇلغان ئارتاش سۇ ئامبىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيان، خىتاينىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىغا ئايلىنىپ، «شىنجاڭنىڭ ئۈچ بوغاز توسمىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ قوشراپ يېزىسى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوسراپ يېزىسىنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان بۇ سۇ ئامبىرىدىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ نۆۋەتتە 6 دانە گېنىراتور بار بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇنىڭ توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليارد 660 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ بارغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەكەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى 5 مىليون ئاھالىنى كەلكۈن ئاپىتىدىن خالاس قىلغان. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپى ۋە دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى بوستانلىقلارغا بولغان ئىكولوگىيەلىك تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىپلا قالماي، خىتاينىڭ بۇ سۇ ئامبرى ئارقىلىق يەكەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان بوستانلىقلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى كونترول قىلغانلىقى، بۇنىڭ بۇ بوستانلىقلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكادىكى مۇتەخەسسىسلەردىن پروفېسسور ستانلى توپىسنىڭ بۇرۇن ردىىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، سۇ تارىم ئويمانلىقى ۋادىلىرى ئۈچۈن ھاياتى مەسىلىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئوخشاش سۇ ئامبارلىرى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى، تېخىمۇ كۆپ ئاھەلە ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن. لېكىن «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئۇچۇرىدا «قاراقۇرۇم تېغىدىن كېلىدىغان يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈن ئەڭ كۆپ كېلىدىغان، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەڭ قىيىن بولغان دەريا» ئىكەنلىكى، كەلكۈن ئاپىتى «بۇ دەريانىڭ ياقىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەھدىت سېلىپ كەلگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەكەن دەرياسىدىن كېلىدىغان يىللىق سۇ مىقدارىنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى 6-، 7-، ۋە 8-ئايلاردا كېلىدىكەن.