خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 28-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدا 2014-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» سىياسىتىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىكى دېھقانلار تۆۋەنگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» كادىرلىرىنىڭ «يېتەكچىلىكى» دە پارنىكتا قېرىنقۇلاق (مۇر)، موگۇ قاتارلىقلارنى تېرىش ئارقىلىق «باي» بولغان. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە ئىچكىرىدىن كەلگەن «تېخنىك» خىتايلارنىڭ «ياردىمى» بەكمۇ چوڭ بولغان. ئەمما شۇ جايدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار تېرىۋاتقان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولغانلىقى، بۇ يەرلەرنىڭ ھازىر كىملەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مۇقىملىق بەرپا قىلىش» نىشانىنى ئورۇنلاشتىكى بىر مۇھىم ۋاسىتىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلىرىنى ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلارغا «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە ئەۋەتىش بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. يېقىندا ئاشكارا بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى ئارخىپلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى كادىرلارنى ئەۋەتىش ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سابىق پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو 2018-يىلىلا مەخسۇس يوليورۇق بېرىپ «ئون مىڭلىغان ساندا كادىرلار قوشۇنىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دېگەنىكەن. خىتاينىڭ سابىق جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى بولسا شۇ ۋاقىتتىلا «شىنجاڭدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قىلچىلىكمۇ بوشىتىشقا بولمايدۇ» دېگەنىكەن.