قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخى» بويىچە «ئۈچ ئەزەلدىن» تەشۋىقات لېكسىيىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان
خىتاي ھۆكۈمەت تارىخشۇناسلىرى 70 يىلدىن بۇيان بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي تارىخ كىتابلىرىدىكى «ئەزەلدىن» نەزەرىيىسى بۈگۈنكى كۈندە چەتئەللەردىكى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ، ھەتتا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.
مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخى» بويىچە «ئۈچ ئەزەلدىن» نەزەرىيىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە بۇ ھەقتە تەشۋىقات لېكسىيىسى ئۇيۇشتۇرۇشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 26 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى سىياسىي - ئىدىيە بۆلۈمى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى» بويىچە تەشۋىقات لېكسىيىسى ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي تەشۋىقات سۆزچىسى نىيازھاجى قادىر «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»، «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون»، «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرغان رايون» دېگەن «ئۈچ ئەزەلدىن» نەزەرىيىسى بويىچە لېكسىيە سۆزلىگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، نىيازھاجى قادىرنىڭ لېكسىيىسىدىن كېيىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلىرى «مۇقىملىق»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «ئۈچ تارىخ قارىشى» بويىچە ئىپادە بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىش ھارپىسىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىدىكى ئۈچ ئەزەلدىن» سەپسەتىسىنى بازارغا سېلىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان قەشقەردە «مېڭە يۇيۇش» تەشۋىقاتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر روشەن ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.