ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر توردا «مىللىي ئ‍ۆچمەنلىك ۋە ئاشقۇنلۇق» نى تەرغىپ قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ يېقىندا قولغا ئېلىنغان

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا 3 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي ئامانلىق دائىلىرى تەرىپىدىن توردا «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلىق قىلىش»، «ئاچقۇنلۇقنى تەرغىپ قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. خەۋەردە تۇتقۇنلارنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە مىللىتى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ خىتايچىدىكى تەلەپپۇزى ھەم ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەتتىن بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئۇيغۇر ئ‍ىكەنلىكى مەلۇم. تۇتقۇنلارنىڭ ئىككىسى قەشقەردە، بىرى خوتەندە قولغان ئېلىنغان.

«بىڭتۈەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، تۇتقۇنلاردىن قەشقەر ۋە خوتەندە قولغا ئېلىنغان ئىككەيلەن توردا «مىللىي ئ‍ۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئاۋازلىق سىن تارقاتقانلىقى» ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە 5-ئاينىڭ 2-كۈنى قولغا ئېلىنغان. قەشقەردىكى يەنە بىرەيلەن توردا «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى تەرغىپ قىلىنغان ئاۋازلىق سىن تارقانقاتلىقى» ئ‍ۈچۈن 4-ئاينىڭ 7-كۈنى قولغان ئېلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ج خ نازارىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ 3 دېلو 5-ئىيۇل كۈنى مەركۇر ئورگان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 16 تىپىك دېلونىڭ بىر قىسمى ئ‍ىكەن.

خەۋەردە قالغان 13 دېلونىڭ توردا ئالدامچىلىق قىلىش، نامۇۋاپىق مەزمۇنلارنى تارقىتىش، توردا قىمار ئويناشقا تەشكىللەش، ئۆسەك سۆز تارقىتىش، شەخسى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاش ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق ئ‍ىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بېرى ئاز دېگەندا بىر مىليون 800 مىڭدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر خىتاي زاۋۇتلىرىغا يىغىۋېلىنغان بىر ۋاقىتتا، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى كۆپ ئۇچرىمايدىكەن.