خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارىشى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە قەسەم بېرىش ھەرىكىتىنى ئىزچىللاشتۇرماقتا.
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 29 - ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يۈرۈش ھەرىكەتكە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن باشقا ئاممىۋى كۇبلارمۇ قاتناشتۇرۇلغان.
خىتاي بۇ ھەرىكەتكە «‹ئۈچ خىل كۈچ› كە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىش ھەرىكىتى» دەپ نام بەرگەن.
بۇ نۆۋەت «ھەرىكەت» كە قاتناشقان ئورگانلار ئارىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساھەسىدىن 2 - دوختۇرخانا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى قاتارلىقلار بار.
بۇ ھەرىكەتتىمۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ سىياسىيسى مەيدانىنى ئىپادىلەپ مۇراجىئەت ئېلان قىلىشى دىققەتنى چېكىدۇ.
24 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ قەسەم بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى خوجىلىق بۆلۈم باشلىقى ئەسەت ھاشىم ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇ كۈنى خەلق ئىشلار نازارىتىدە چاقىرىلغان تەشۋىقات يىغىندا مەزكۇر نازارەتنىڭ نازىرى توختى ياۋقۇپ «‹ئۈچ خىل كۆچ› كە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ پارتىيەگە ئەگىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئاساسلىق ئەزالىرى ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان «تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى» مۇ 27 - ئاپرېلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ4 نەپەر ئۇيغۇر مەسئۇلى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ياشلىرىغا 5 سوئال» نى ئۆگىنىشكە باشلىغان.
«ئۇيغۇر ياشلىرىغا 5 سوئال» دا ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي دۆلىتىنى سۆيۈشكە چاقىرىلغان ۋە «خىتاي تىلى بىلمەسلىك نومۇس» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچىلەرگە» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان ۋە ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئىپادە بىلدۈرۈشكە سالغان ئىدى.