ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش دولقۇنىنىڭ نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر پروفېسسورلار ئارىسىغا كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ، سىياسىي ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشكە تەشكىللىمەكتىكەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇيان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار «بىر مېتىر دەرس مۇنبىرىنى ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى كۈرەش مەيدانىغا ئايلاندۇرىمىز» دېگەن تېمىدا ئىپادە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
4-ئاينىڭ 27-كۈنى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئۆمەر «ئۇيغۇر زىيالىيلىرى جان تىكىپ مائارىپ سېپىنى قوغدىشىمىز كېرەك» ناملىق «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى ئاز ساندىكى داشقاللار دەرس مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، لېكسىيە سۆزلەش ۋە ماقالە ئېلان قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن پان-تۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزم ئىدىيەلىرىنى تارقىتىپ كەلدى. بىز مائارىپ ساھەسىدىكى بۇ ‹بىر مېتىر دەرس مۇنبىرى› نى جان تىكىپ قوغدىشىمىز، ‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، شۇنداقلا دەرس مۇنبىرىنى ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى كۈرەش قىلىدىغان، ماركسىزم ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»
كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ئەزىمنىڭ يېقىندا «ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىچىدە ‹ئىككى يۈزلىمىچى› ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مەۋجۇت» دېگەن سۆزىدىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.