خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىتلىكلەر ئۈستىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى سىناق قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىتلىكلەر ۋە نېفىت تۇرۇبىلىرى ئۈستىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن كېچىلىك نازارەت قىلىشنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلغان.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 24 ‏-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سىناق 16‏-نويابىر كۈنى كەچ سائەت 8 دە ئېلىپ بېرىلغان. خەۋەردە سىناقنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، نېفىت تۇرۇبا يوللىرىنى كېچىدە تەكشۈرۈشتىكى ئۈنۈمنىڭ تۆۋەن بولۇشى، يوشۇرۇن ئاپەت نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە تەبىئىي ئاپەت خەۋپىىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىناق ئېلىپ بېرىلدى، دېيىلگەن.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق نازارەت قىلىش سىنىقىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر خەۋەردە يەنە بۇندىن كېيىن نېفىت ئوغرىلىرىنى بايقاشتىمۇ ئۈنۈملۈك چارە تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما خەۋەردە ئۇچقۇچىسىز 'ئايروپىلان ئارقىلىق نازارەت قىلىش سىنىقى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت تۇرۇبا يوللىرىنى ھۇجۇم خاراكتېرلىك ۋەقەلەردىن ساقلاش تەدبىرلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئىلگىرى خەلقئارادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى توغرا ۋە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى نېفىت تۇرۇبا يوللىرى بىختەرلىكىنىڭمۇ خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.