خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى 56 ياشلىق جۇ تېجى 26-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى سەھەردە ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئىدارىنىڭ يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش زالىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان.
«خەلق تورى» نىڭ 26-ئىيۇن يەكشەنبە كەچتىكى سانىدا، «بېيجىڭ شەھەرلىك فېليەتون جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ‹ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش› ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، جۇ تېجى يەكشەنبە كۈنى سەھەردە تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى» دېگەن قىسقا خەۋەر بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتى ۋە سەۋەبى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىدى. ئەمما خىتايدىكى مالىيە گېزىتىنىڭ يەكشەنبە كەچ ئوخشاش ۋاقىتتا بېرىلگەن خەۋىرىدە، جۇ تېجىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، لېكىن مەزكۇر خەۋەر بىرنەچچە سائەت ئىچىدىلا ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. خىتايدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر مۇخبىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 27-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇخبىرلارنىڭ جۇ تېجىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەرمەسلىكىنى، بۇ ھەقتىكى قىسقا خەۋەرلەردە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
جۇ تېجىنى يېقىندىن بىلىدىغان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، جۇ تېجى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن 10 كۈن ئىلگىرى ئېچىلغان فېليەتون مۇھاكىمە يىغىنىدا، فېليەتوننىڭ پارتىيىۋىيلىكى ۋە خەلقچىللىقى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلغان. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان جۇ تېجى كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خاراكتېر جەھەتتىن نىسبەتەن كەڭ سىياسەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ماقالىلىرىدە خەلق رايىنى ئاساس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ مۇھەررىرلىكىدىكى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ژۇرنىلىدا سولچىل ئىدىيىدىكى ئەسەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى بولغان جۇ تېجىنىڭمۇ خىزمىتىدىن چەتلەشتۈرۈلگەنلىكى ۋە بارغانچە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ژۇرنالدا ئىشلىگۈچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان ئاشكارا مەخپىيەتلىككە ئايلانغان.