ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 19-سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى دىپلوماتىيە نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جوۋ بايدېن 19-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى يانداشما پائالىيەتلىرى جەريانىدا كۆرۈشىدىغان بولغاچقا، بۇ بايانات ئېلان قىلىنغان. باياناتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان جاي ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ پاناھلىق ماكانى بولۇشى لازىم. پىرېزىدېنت بايدېن ئۇيغۇرلارغا قارشى داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرى ئۈچۈن سۆز قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش ياسىيالايدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئورۇن ئالغان.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ دۆلەتلەر بولسا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ چىققان كىشىلەرنىڭ ھاياتى بۇ جايلاردا ئېغىر تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىشكە باشلىغان.
تېخىمۇ مۇھىمى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» (SCO) نىڭ دائىملىق ئەزالىرىدىن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە ھەرقانداق بىر ئەزا دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارالغانلىقى كىشىنى كۆزدىن يوقىتىش ھەققىدە ئۆزئارا كېلىشىم ئىمزالانغان. باياناتتا مۇشۇ ئەھۋاللار ئالاھىدە ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە پارىژدىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى» (FIDH) نىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ماشىنىسى ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.