ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتكە قېقىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنى چاقىرىق قىلدى


مۇراجەتنامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يولغا قويۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سېستىمىسىدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ئىنكار قىلىنىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار «خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى» دېگەن باھانىدە خىزمەتتىن قالدۇرۇلدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى مائارىپى ئۆلۈم گىردابىدا. گەرچە ئۇيغۇر تىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان ئېتىبارسىز قېلىش، قوغدالماسلىق قىسمىتىگە دۇچ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىدى. ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا تىلىنى قوغداشقا، ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز دېگەن بايانلار بېرىلدى.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ چەتئەللەردىكى بىر خادىمىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر بىز تورى بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئانا تىلنى ۋە ئانا تىل مائارىپىنى قوغداش تەشەببۇسلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار نىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلار يېقىن مەزگىلدە يەنە نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى» سەۋەبلىك ۋەيران قىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى تور بېتىدە ئېلان قىلىدىكەن.