گېرمانىيە، فرانسىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتلىرى بىرلىكتە ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يىغىن ئېچىشنى قارار قىلدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى مەزكۇر تۆت دۆلەت باشلىقلىرى، تېلېفون يىغىنى ئاچقان بولۇپ، ئۇلار شەرقىي ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىپ، مەلۇم دەرىجىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى فرانسىيە پرېزىدېنتى ئوللاند، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل موسكۋادا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنادا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى لايىھىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدى. ئۈچ تەرەپنىڭ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ بىر قەدەر نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ھەمدە يەنە ئۇچرىشىپ، كونكرېت مۇزاكىرە قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
11 - فېۋرال كۈنى مەزكۇر تۆت دۆلەت پرېزىدېنتلىرى بېلارۇسىيەنىڭ مىنسك شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ شەرقىي ئۇكرائىنادا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى لايىھىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.
ئۇكرائىنا ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ئايرىمىچى كۈچلەرگە قورال - ياراق بېرىۋاتقانلىقى ھەتتا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، ياردەم كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە، بىراق رۇسىيە بولسا بۇنى ئىنكار قىلماقتا. ھازىرغىچە شەرقىي ئۇكرائىنادا 5 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلگەن.