ئۇكرائىنىيىدە نامايىش

ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشىغا ئائىت كېلىشىمنى تەستىقلاشنى ئارقىغا سوزۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيىلەر كەڭ كۆلەملىك نامايىش تەشكىللەپ، ئۇكرائىنىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقى رۇسچە خەۋەرلەر شۆبىسىنىڭ كىيېفتىن بەرگەن تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، كىيېف ۋە باشقا ئۇكرائىنىيە شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا يۈز مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان. كىيېفتىكى نامايىشتا نامايىشچىلار پرېزىدېنت بىناسى، پارلامېنت قاتارلىق ئورۇنلارغا كىرمەكچى بولغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىلىپ توسۇپ قېلىنغان.

نامايىشچىلار ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيپەرەس سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇكرائىنىيىنىڭ ياۋروپا جەمئىيىتىگە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ، «بىزگە ياۋروپا كېرەك، ئۇكراىنىيە بۇ ياۋروپا» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيە بىلەن بىرلىكتە قۇرغان تاموژنا ئىتتىپاقى تەركىبىگە ئۇكرانىيىنى كىرگۈزۈشكە تارتىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇكرائىنىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە مىللەتچىلىرى بۇنىڭ ئۇكرائىنىيىنى رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈرۈش دەپ ھېسابلىغان.

ھازىر ئۇكرانىيىدە ياۋروپا بىلەن بىرلىشىش، رۇسىيە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن.