ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى قىرىم تاتار مەجلىسىنىڭ يەرلىك سوت تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-05-01
Share

ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى قىرىم تارات مەجلىسىنىڭ يەرلىك سوت تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

رۇسىيە 2014 - ئىلى مارتتا قىرىم يېرىم ئارىلىرىنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، مەزكۇر رايوندا تەسىس قىلغان ئاتالمىش ئالىي سوت بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا قارار چىقىرىپ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي مەجلىسىنى «ئەسەبىي تەشكىلات» دەپ جاكارلىغان ۋە ئۇلارنىڭ قىرىمدىكى بارلىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلىگەن.

«ئانادولۇ ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى مۇۋەققەت باش مىنىستىرى ۋلادىمىر گرويسمان فەيسبوكتا ئېلان قىلغان باياناتىدا رۇسىيەنىڭ مەزكۇر قارارىنى «تۇتۇرۇقسىز» دەپ ئاتىدى.

ئۇ مۇنداق يازدى: «رۇسىيە يەنە بىر تۇتۇرۇقسىز قارار ئالدى. قوشۇۋېلىنغان قىرىمدىكى ئاتالمىش ئالىي سوت مەجلىسنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنى چەكلىنىدىغان تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ بولغان ئىكەن.

2014 - يىلى قىرىمنىڭ ئاخىرى قېتىم رۇسلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى بولۇپ، شۇندىن كېيىن يەرلىك تاتارلارنىڭ يەنە بىر قېتىم باستۇرۇش ۋە ئىرقىي كەمسىتىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك توۋنېر تاتار مەجلىسىنىڭ چەكلىنىشى رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى تاتارلارنىڭ ئازغىنە ئاۋازىنىڭمۇ ئۆچۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «قىرىم تاتارلىرى زۇلۇم، باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە دۇچ كەلمەكتە. 10 مىڭدىن ئارتۇق تاتار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇرلاندى، قالغانلىرى دەپسەندە قىلىنىش، ئۇرۇپ - سوقۇلۇش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش قىسمىتىگە دۇچار بولدى.»

خەۋەردە قىرىم تاتار مەجلىسىنىڭ سابىق رەئىسى مۇستافا جەمىلېۋنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ تاتار مەجلىسنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە 29 - ئاپرېل بىر مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلان قىلغان. ھالبۇكى، مەزكۇر مۇزاكىرە خىتاينىڭ پىكرى بىلەن كېچىكتۈرۈلگەن.

مۇزاكىرە يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان، ئەمما ئۇنىڭ قاچان ئېچىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت