ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى: «بىز زېمىننى كېسىپ بېرىش بەدىلىگە تىنچلىق ئىستىمەيمىز!»

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى لى خۇي شۇ كۈنى ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن «ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ داۋاسى يوق ئىكەن» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لى خۇي زىيارەت جەريانىدا ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكى ۋە ئۇكرائىنا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا (Dmytro Kuleba) بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتتە بولغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا «كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئەمما كۇلېبا بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ ئىپادە بىلدۈرگەن ھەمدە «ئۇكرائىنا كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتسىمۇ زېمىن كېسىپ بېرىش بەدىلىگە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىستىمەيدۇ. بۇ بىزنىڭ ئۆزگەرمەس مەيدانىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئاستىرتتىن رۇسىيەنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ قىلمىشىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ رۇسىيەگە زىيارەتكە بارغاندا ئاشكارا ھالدا «بىزنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان دوستلۇقىمىز چەكسىز داۋام قىلىدۇ» دېگەن ئىدى.