خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەت رايونىدا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى بىلەن كۆپلەپ مەشغۇل بولۇشى، ئۇلارنىڭ «ئاپتونوم رايون» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئىككى رايوننى خىتايغا تېخىمۇ چىڭ باغلاش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا.
«ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 21-ئىيۇندىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەت رايونىدا ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ئايرودروم ۋە تاشيول بولماقتا ئىكەن. بۇلار ماھىيەتتە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەرىكەتلىرىگە زور دەرىجىدە قۇلايلىق يارىتىدىغان قۇرۇلۇشلار بولۇپ، رايون تەۋەسىدە ياكى ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا بىرەر ھەربىي ئېھتىياج كۆرۈلگەندە، ھۇجۇم سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇشنى كۆزلىگەن.
ھىندىستاندىكى «خىتاي قۇدرىتى» تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە باشقا ئوچۇق مەنبەلەر ئارقىلىق، بۇ رايونلاردا يېقىنقى مەزگىللەردىلا ئاز دېگەندىمۇ 37 ئايرودرومنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى، بۇلاردىن ئاز دېگەندىمۇ 22 ئايرودرومنىڭ ھەربىي ئايرودروم ياكى يېرىم ھەربىي ئايرودروم ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. يالغۇز ئۇيغۇر دىيارىدىلا 2017-يىلىدىن بۇيان ئاز دېگەندىمۇ 15 ئايرودروم كۆپەيتىپ قۇرۇلغان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىردىن-بىر قىيىنچىلىق بولۇۋاتقان ئامىل يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئايرودروملارنىڭ كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن بەكلا ئېگىز بولغان نۇقتىلاردا بولغانلىقى ئىكەن. دوكلاتتا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بېيجىڭ دائىرىلىرى مۇشۇ خىلدىكى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىنى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى بىلەن چەمبەرچاس قىلىپ يۇغۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا» دېيىلگەن.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 20-ئىيۇنغا قەدەر پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئايرودروملارنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 16 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، قالغىنى تۇرپان ۋە قەشقەردە ئەمەلگە ئاشقان.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، پودپولكوۋنىك دەنىيل لىندلېي (Daniel Lindley) ئۆزىنىڭ «خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن زور تەھدىت» ناملىق ماقالىسىدە بۇ خىل قۇرۇلۇشلار ھەققىدە توختىلىپ، «جاھانگىرلىك دەۋرىدە مۇستەملىكىچىلەر ھەرقاچان يول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئاجرىتىپ كەلگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت يەرلىك خەلققە بەخت يارىتىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىنى كۆزدە تۇتۇش بولغان. خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ زور قۇرۇلۇش بولسا پۈتۈن دۇنياغا، شۇنىڭدەك ئامېرىكا خەلقىگە نىسبەتەن زور ئاپەت» دەپ كۆرسەتكەن.