ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى تېزدىن كېڭەيتىلمەكتە
2024.08.27
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شىنىڭ-يەكەن-ئالى (Ngari) ھاۋا يولى قاتنىشى رەسمىي ئېچىلغان ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىبەت ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ لىنىيەدىكى ئۇچۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم ئايروپىلان قاتنايدىكەن.
خىتايچە خەۋەردە بۇ يېڭى ھاۋا يولىنىڭ «ئون ئىككى مۇقامنىڭ بۆشۈكى» دەپ ئاتىلىدىغان يەكەن بىلەن «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئالىي رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاسىتىگە ئايلانغانلىقى مەدھىيەلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يېڭى ھاۋا يولىنىڭ رايونلار ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل ئاساسلىق ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىدىن گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىمۇ 26-ئاۋغۇست كۈنى تاماملانغان. بۇنىڭ بىلەن 2020-يىلى 12-ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ يېڭى تۆمۈر يول لىنىيەسىگە يېڭىدىن 28 بېكەت قوشۇلغان. يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ بېكەتلەرنىڭ ئادەمسىز چۆل-جەزىرىلەردە ياسىلىشى بۇ جايلارنىڭ ئاللىقاچان خىتاي كۆچمەنلىرى ماكانلىشىپ بولغان يېڭى رايونغا ئايلانغانلىقى ياكى يۈك توشۇش ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۆمۈر يول لىنىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە باغلايدىغان «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى» ۋە «لىنخې-قۇمۇل تۆمۈر يولى» دىن كېيىنكى ئۈچىنچى غول تۆمۈر يولى ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە بۇ قېتىمقى كېڭەيتىلگەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ «بۇ لىنىيەنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا تاماملىنىشى نۆۋەتتىكى يۈك توشۇش مىقدارىنى يىلىغا 33 مىليون توننىدىن ئاشۇرىدۇ» دېگەن.
خىتايچە ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى رايونلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنىڭ 95 پىرسەنتى مەزكۇر تۆمۈر يول ئارقىلىق توشۇلىدىكەن. تارىخشۇناس پاللاۋى داس (Pallavi V. Das) نىڭ «مۇستەملىكىچىلىك، تەرەققىيات ۋە مۇھىت» ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا تارىخىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكەتلىرى بىردەك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، بايلىقلارنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشى ۋە يۆتكىلىشىدە تۆمۈريول ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ كەلگەن.