ئامېرىكا خىتاينىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن Unesco غا قايتا ئەزا بولۇشنى قارار قىلغان

ب د ت نىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن تەشكىلاتى (Unesco) دۈشەنبە كۈنى يەنى 12-ئىيۇن ئامېرىكانىڭ مەزكۇر ب د ت مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن تەشكىلاتىغا قايتا ئەزا بولۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ۋە 600 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئەزالىق بەدىلى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەرلەردە، پەلەستىننى بۇ تەشكىلاتقا ئەزالىققا قوبۇل قىلىش ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چقارغان ئون نەچچە يىللىق تالاش-تارتىشتىن كېيىن ئامېرىكانىڭ بۇ خەلقئارالىق ئورگانغا قايتىپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئامېرىكانىڭ بۇ تەشكىلاتقا قايتىپ كېلىشىگە ئامېرىكا بۇ تەشكىلاتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان بوشلۇقنى خىتاينىڭ تولدۇرۇشقا باشلىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىسى تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا Unesco غا قايتا ئەزا بولۇشنى چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى Unesco دىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى Unesco نىڭ بۇ يىل كۈزدە ئېچىلىدىغان يىللىق يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قارار قىلغان. ئىشخانىسى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا Unesco نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ئاقلاش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ Unesco غا قايتىپ كېلىش قارارى 12-ئىيۇن ئېلان قىلىنغاندا Unesco نىڭ پارىژدىكى باش شتابىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئامېرىكا Unesco غا ئەڭ كۆپ بەدەل پۇلى تۆلەيدىغان دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 2011-يىلى پەلەستىننى Unesco غا ئەزالىققا قوبۇل قىلىش ئاۋازغا قويۇلغاندا بەدەل پۇلى تۆلەشنى توختاتقان. 2017-يىلى سابىق ترامپ ھۆكۈمىتى Unesco دىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون باس بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكانىڭ Unesco دا بولماسلىقى خىتاينى كۈچەيتىپ، ئامېرىكانىڭ «ئەركىن دۇنيا تەسەۋۋۇرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈنۈملۈك بولۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاتقانلىقى» نى ئېيتقان.