خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گوتىيىر، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايدا نېمە بولۇۋاتقانلىقىغا ۋە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
ئۇ بۇ چاقىرىقنى 31 - دېكابىر خىتايدىن ئايرىلىشتىن سەل بۇرۇن فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇرسۇلا گوتىيىرنى ئۇنىڭ باي كان ۋەقەسى ھەققىدە يازغان ماقالىسى سەۋەبلىك چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.
ئۇرسۇلا گوتىيىر، خىتاينىڭ باي كان ۋەقەسىنى پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن سېلىشتۇرغانلىقىغا سوئال قويغان ۋە باي كان ۋەقەسىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
لېكىن ئۇنىڭ ماقالىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە ئۇ 31 - دېكابىر خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
ئۇرسۇلا گوتىيىر فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە: «فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ بىر ژۇرنالىست ياكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇ خىتاي ۋە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نېمە قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا كۆپ سانلىق خەلقنىڭ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ يەردە نېمە يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ئۇرسۇلانىڭ تېررورلۇقىنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋىزىسى ئۇزارتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.