خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 29-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن خىتاينىڭ جېڭجۇ، چاڭشا، لەنجۇ، خەيكۇ قاتارلىق ھەرقايسى شەھەرلىرىگە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ 30-نويابىردىن باشلاپ نورمال ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە تېخىمۇ كۆپ ھاۋا قاتنىشى يوللىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەدرىجىي ئوڭشىلىۋاتقانلىقى ئىشارە قىلىنغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بولسا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «يۇقۇم خەۋپى تۆۋەن بولغان رايونلار» دىكى ئاھالىنىڭ كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ ئۆز رايونى تەۋەسىدە سودىلىق ۋە باشقا ئىشلارنى بېجىرسە بولىدىغانلىقى، ئەمما رايون ئاتلاشقا ھازىرچە يول قويۇلمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ يېڭى تەدبىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «24-نويابىر ئوت ئاپىتى» نى پىلتا قىلغان كۆپ قېتىملىق خەلق نامايىشىنىڭ پارتلىشى ھەمدە نامايىشلار جەريانىدا ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىشتىكى قامال تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش چۇقانلىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى پەيتكە توغرا كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ يېڭى تەدبىرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن نۆۋەتتىكى جىددىي نارازىلىقنى پەسكويغا چۈشۈرۈش چارىلىرى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم باغلىنىشنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى قىسمەن تەخمىنلەرمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.
ھالبۇكى خىتاي مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى چاقىرغان 29-نويابىردىكى يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. پۈتكۈل خىتاينىڭ قانۇن ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ خىل مەۋقەسى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى باش قارارى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش چارىلىرىنىڭ ھازىرچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىدىمۇ ئېنىق قىلىپ «گەرچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ يۇقۇمنىڭ خەۋپى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش خىزمىتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمىز» دېيىلگەن.