چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەپتە ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق ئومۇمىي يىغىنى مەزگىلىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قانداق توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي دائىرىلىرىمۇ ئۈرۈمچىدە يىغىن چاقىرىپ، «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نى مۇزاكىرە قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 27-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇنبىرى» يىغىنى «شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئەمگىكىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» دېگەن تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ب د ت ئەمگەك تەشكىلاتى، چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشنى، كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاتالمىش «شىنجاڭ تەتقىقاتى» غا مۇناسىۋەتلىك 12 تەتقىقاتچىنىڭ ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، رايوندىكى «ھەر قايسى مىللەتلەر ئەمگىكىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» نى مۇزاكىرە قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق يېڭى تېخنىكىلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، قورسىقىنى تويدۇرۇشتىن ياخشى يېيىشكە، ئۇچىغا ئىسسىنغۇدەك كىيىم كىيىشتىن ياخشى كىيىنىشكە، ئېشەك ھارۋىسىدا يۈرۈشتىن زامانىۋى قاتناش قوراللىرىدا سەپەر قىلىشقا ئېرىشىپ، تۇرمۇش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقى» ئىلگىرى سۈرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى «كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى چاڭ جيەن دوكلات بېرىپ: «خىتاينىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە، شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانغا لايىق ئىشلەش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەزكۇر مۇھىم ۋە تۈپ كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى 2019-يىلى تەييارلىغان بىر دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن.