ئۈرۈمچى شەھىرىدە 24-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر زور شۇم خەۋەر بولغانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان شەكىللەردە نارازىلىق نامايىشى تەشكىللەپ، ئۆزلىرىنىڭ قايغۇسىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن 26-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن «لىنكولىن خاتىرە سارىيى» ئالدىغا توپلىنىپ «سۈكۈتتە شام يېقىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. نامايىش ئەھلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى. شۇنداقلا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايىبانە دۇئا قىلىندى.
28-نويابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى قىلدى. نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى» نى قولغا كەلتۈرۈش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم-يېتىمدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم قىلىشى قاتارلىق تېمىلار بويىچە شوئار توۋلىدى.
28-نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار «24-نويابىر ئوت ئاپىتى» نى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە شۇ كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي باش ئەلچىسى سوڭ پېيۋۇنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى. شۇنداقلا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغانلىقىنى تەنقىدلىدى. 27-نويابىر كەچقۇرۇن ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە سايمون فرايېز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى «سۈكۈتتە شام يېقىش» پائالىيىتى ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ماتەم بىلدۈردى.
بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشى ئاۋسترالىيەدىمۇ تەشكىللەندى. 27-ۋە 29-نويابىر كۈنلىرى سىدنېي ۋە ئادېلايد شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇپ، «24-نويابىر ئوت ئاپىتى» نىڭ كېلىپ چىقىشى ھەمدە ئاقىۋىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قوشۇلۇپ ئاۋسترالىيەگە كەلگەن لاگېر شاھىتلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
بۇ خىلدىكى يەنە بىر قېتىملىق نارازىلىق نامايىشى 29-نويابىر كۈنى كەچ سائەت يەتتىدە نيۇ-يورك شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنداق نارازىلىق نامايىشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايىسى جايلىرىدا داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.