ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ۋە ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى 15-دېكابىر قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، 24-نويابىر ئ‍ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئۆلگەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھەسىدە، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىغا دىققەت قىلغانلىقى، «بۇ تراگېدىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بەرمەكتە ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى تەشكىل قىلماقتا، دەپ ئېتىراپ قىلغان رايوندىكى كەڭ كىشىلىك ھوقۇق قەبىھلىكلىرىنىڭ پارچىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

قارار لايىھەسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىنىڭ قۇربانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايدۇ ۋە ئ‍ۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىشقا چاقىرىدۇ».

قارار لايىھەسىدە يەنە، COVID-19 سىياسىتىدە خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش بىلەن ئاممىۋى ساغلاملىقنى قوغداش ئارىسىدا مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنىڭ قىيىنلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن خىتاي خەلقىنىڭ نېگىزلىك ئەركىنلىك كۈرىشىدە ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ نۆل كوۋىد سىياسىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

قارار لايىھەسىنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتە جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئاپپاراتلىرىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو، خىتاينىڭ سابىق مەركىزى سىياسىتى قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى جاۋ كېجى، سابىق جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گۇ شېڭكۈن، مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارى خۇ ليەنخې، شۇنداقلا «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دە ئىسمى چىققان باشقىلارغا قارىتا قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرىلغان.