ئۆتكەن يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگە بىر يىل تولغان خاتىرە مەزگىلىدە، بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە تۈرلۈك شەكىللەردە خاتىرىلەندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى؛ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
24-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ مەزكۇر پاجىئەگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ نامايىشقا ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئوت ئاپىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئائىت ھەقىقىي رەقەملەرنى ئېلان قىلىشنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى دەرچال ئاياغلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئاز دېگەندە 44 كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان بۇ پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە يەنە كانادادىكى يېس فىرانچوس بلەنچەت (Yves-François Blanchet)، ئالېكس برۇنېل دۇسەپپى (Alexis Brunelle-Duceppe) ۋە گېنۇس گارنېت (Garnett Genuis) قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرلىكتە بۇ كۈننى خاتىرىلىگەن. كانادا پارلامېنت ئەزاسى گارنېت ئەپەندى ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ، ئاق قەغەز كۆتۈرگەن بىر پارچە رەسىمى بىلەن «X»، يەنى ئىلگىرىكى تىۋىتتېرغا يوللىغان ئىنكاسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق كوۋىد يۇقۇمى سەۋەب بولغان ۋە ئاز دېگەندە 40 تىن ئوشۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ پاجىئەگە ئائىت ھەقىقىي رەقەمنىڭ ھېلىھەم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاشكارىلانمىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە شۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى پاجىئەسىدىن كېيىن ئاق قەغەز نامايىشى يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان؛ 19 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنىڭ دەل شۇ ئاق قەغەز نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈنلا تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە «بۈگۈن بىز بۇ زۇلۇم سەۋەب بولغان پاجىئەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ كىشىلەر ئۈچۈن قايغۇرماقتىمىز ۋە ئۇلارنى ئەسلىمەكتىمىز. بىز شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە چېكىدىن ئاشقان كوۋىد قامالى يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ ئوت ئاپىتىدە 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق رادىيومىزنىڭ ئېنىقلىشىدا ۋەقەدە ئاز دېگەندە 44 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر پاجىئەگە ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكىلا ئەمەس، بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغىمۇ بىلدۈرمىگەن.