خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 22-ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي باغچە يولىدىكى «ئەتىگەنلىك بازار» ھۇجۇمى 5 كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇلارنىڭ 4 تى نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان، قالغان 1 نەپىرى تىرىك تۇتۇلغان. دائىرىلەر نۇرئەخمەت ئىسىملىك ھۇجۇمچىنىڭ بورتالادا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
31 ئادەم ئۆلگەن، 90 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ھۇجۇم، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك ۋە ئەڭ ئەجەللىك ھۇجۇملارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە، ئۆزىنى پارتلىتىۋالغان ھۇجۇمچىلارنىڭ 5 كىشى ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ باشقا ھەمراھلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، د ئۇ ق قاتارلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا سىياسىي ئورگانلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، قانۇنلۇق سىياسىي، دىنىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ئاخباراتى ھۇجۇم ئېلىپ بارغان بۇ 5 كىشىنىڭ گۇما ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى دىنىي رادىكاللىقنى تەسىرىگە ئۇچرىغان، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىشتىكى سىياسىي مۇددىئاسى قاتارلىق نازۇك سىياسىي مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغان.
پارتلاشتىن كېيىن خىتاي ئاخباراتى خەۋەر قىلغان بەزى ئۇچۇرلاردا، ئىككى ھۇجۇمچىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
