ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە بارغانچە ئېغىرلاشقان قاتناش قىستاڭچىلىقى شەھەر ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار كۆپ خىل بولسىمۇ، ئەمما شەھەر كوچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېلىنغان ئالاھىدە قاتناش يولى ۋە بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا باشلانغان ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق يوللارنى بۇزۇپ كۆۋرۈك ياشاش قۇرۇلۇشى شەھەر خەلقىگە ئېغىر قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ نامدا ئالاھىدە قاتناش يولى دەپ ئاتالغان يولدا شەخسى ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى، لېكىن ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى نامىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بۇ يولدا بىمالال قاتنىشى شەھەر ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، باشقارما ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى توشۇيدىغان كىچىك ئاپتوموبىللار ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان بولغاچقا، ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدا ئالاھىدە يولنى«ئەمەلدارلار يولى» دەپ ئاتاش ئادىتى شەكىللەنگەن. ئۇندىن باشقا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى نامىدا شەھەردىكى ئاساسلىق قاتناش يوللىرىنىڭ بۇزۇۋېتىلىشىمۇ شەھەر ئاھالىسىگە كۆپلىگەن قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ، نارازىلىق قوزغىغان.
رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئىنكاس قىلغان بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزىنىڭ قىزىلتاغ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئۆيىدىن ئۈرۈمچى بەيتۇلمەمۇر مەسچىتى (نوغاي مەسچىتى) يېنىدىكى مەكتىپىگە ھەر كۈنى پىيادە كېلىدىغانلىقىنى، سىنىپىدىكى كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ خېلى يىراق جايلاردىن مەكتەپكە پىيادە كېلىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.