مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەڭشەشكە باھا بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچكى قىسمىدا ياكى ئاپتونوم رايون بىلەن مەركەز ئارىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
3-ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن چاقىرىپ، سابىق شەھەر باشلىقى ھىسامىدىن جارۇللانىڭ ئورنىغا سۇ ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ئىلھام سابىرنى مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىلھام سابىر بىرلا ۋاقىتتا مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋە شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىرىقىدىن ئىبارەت 3 ھوقۇقنى ئىگىلەپ دىققەت قوزغىغان.
ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئۇ، بۇنىڭ ئۆتكۈنچى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىلھام سابىر شەھەر باشلىقلىقىغا رەسمىي تەيىنلەنسە، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىق ئورنى ساقلاپ قېلىنسا، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئۇيغۇرلاردىن مەخسۇس بىر مۇئاۋىن سېكرېتارى بولاتتى. بىراق ھازىر بۇ ئورۇن بوش قالغان. «ئۇيغۇربىز» تورى ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ يېڭى ۋەزىپە تەقسىماتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىلەپ چەتكە قېقىلىپ، سىياسىي ئورنى ئاجىزلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.