ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارالىق سەنئەت كۆرىكىدە يەنە بىر قېتىم خىتاي تەشۋىقاتى بازارغا سېلىندى
2024.07.30
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 29-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ سەنئەت كۆرىكى» ناملىق پائالىيەت ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلانغان. پائالىيەتكە ئىتالىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلگەن سەنئەتكارلار ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، ۋەسىقە تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان.
«شىنجاڭنىڭ بىر ئەسىرلىك سەنئەت تەرەققىياتى ۋە نۆۋەتتىكى سەنئىتىگە نەزەر» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ كۆرەكنىڭ ئېچىلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا خەۋەردە ئالاھىدە قىلىپ «بۇ كۆرەك ‹بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىپلا قالماستىن يەنە ‹شىنجاڭ بىر ياخشى جاي› دەيدىغان چۈشەنچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ ھال بۇ قېتىمقى سەنئەت كۆرىكىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، بېيجىڭدىكى مەركىزى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ زىكاڭنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزلىرىدىمۇ ئالاھىدە ئەكس ئېتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ قېتىمقى كۆرەكنىڭ ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق كۆرەكتىن ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، بۇ قېتىم بىز شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردۇق» دېگەن. قازاقىستاندىن كەلگەن ئۈچ سەنئەتكارنىڭ بىرى، قازاقىستان دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيىنىڭ دىرېكتورى جۇمابېكوۋا گۈلئايىم (Zhumabekova Gulayim) بولسا بۇنى ئالاھىدە تەرىپلەپ: «بۇ كۆرەك ئارقىلىق خىتاي-قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى يارىتىلىدۇ» دېگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى كۆرەكنىڭ سىياسىي تەشۋىقات خاراكتېرى ئۇنىڭ سەنئەت خاراكتېرىدىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەر بويى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، شۇنىڭدەك شەرق دۇنياسىدىكى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ گۈلتاجى بولغان سەنئەت دۇردانىلىرىنى «ئۇيغۇرلاردىكى قالاقلىقنى تۈگىتىش ۋە ئۇلارنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنى نىشان قىلغان بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى خەلقئارادا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ تەنقىدلىنىۋاتقاندا ئۇلار دەل مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاشۇنداق تەنقىدلەرنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.