ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «24-نويابىر ئوت ئاپىتى» پاجىئەسىنى پىلتا قىلغان بىر قاتار نامايىشلار قاتارىدا شاڭخەي شەھىرىدىكى نامايىشتا شى جىنپىڭغا ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى شوئارلارنىڭ توۋلىنىشى بىلەن بۇ ھال دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. بولۇپمۇ شاڭخەي شەھىرىدىكى نامايىشنىڭ «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولى» ناملىق كوچىدا بولۇشى بىلەن «ئۈرۈمچى» نامى نازۇك ئاتالغۇغا ئايلىنىپ 27-نويابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن بۇ كوچا تاختىسىنى يۇلۇپ ئېلىۋەتكەن ئىدى.
29-نويابىر كۈنى شاڭخەيدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر كوچا تاختىسىنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن يېزىلغان «ۋۇجوڭلۇ» (乌中路) دېگەن تاختىنى ئاسقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنىڭدا «ئۈرۈمچى» سۆزىنىڭ خىتايچە ئاھاڭ تەرجىمىسى ئورنىغا ئۇنىڭدىكى بىرىنچى سۆز ئادەتتىكى قىسقارتىلما سۆز شەكلىدە قوللىنىلغان. شۇڭا بۇ خىل تەرجىمە شەكلىدىن خەۋىرى يوق كىشىنىڭ يېڭىدىن ئېسىلغان كوچا تاختىسىغا قاراپ ئۇنىڭ «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولى» دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى پەملىشى قىيىنغا چۈشىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «مەسىلە ھەل قىلىش چارىسى» تورلاردا تېزدىن مەسخىرىگە ئۇچرىغان. «يېشىل ئاي» تەخەللۇسىدىكى بىرەيلەن تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «بىزنىڭ ‹قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاش› دېگەن تەمسىلىمىز بەك توغرا» دەپ يازغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەيدە «ئۈرۈمچى شىمالىي يولى»، «ئۈرۈمچى جەنۇبىي يولى» ۋە «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولى» ناملىق ئۈچ كوچا بار بولۇپ، قالغان ئىككى كوچىنىڭ نامى ئۆزگەرتىلگەن ياكى ئۆزگەرتىلمىگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.