«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 22-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تور بىكېتى ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان. جەزىملەشتۈرۈلگەن يۇقۇملانغۇچى سانى 64كە يەتكەن. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەي تۇرۇپ يۇققان كىشى سانى 69 بولۇپ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن. 3162 كىشى تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېتىپتۇ.
خەۋەردە يەنە 7-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە سىن يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما يىغىنغا قايسى ئورۇنلارنىڭ ۋە كىملەرنىڭ قاتناشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
يىغىندا ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنى قاتتىق كونترول قېلىش، بولۇپمۇ تاجسىمان ۋىرۇستتا ھەقسىز يادرو كىسلاتاسىنى(核酸检测) سىناق قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەۋەردە سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ بارلىق رايونلىرىدا كىشىلەرنىڭ بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە يادرو كىسلاتاسىنى سىناق قىىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونى ۋە سايباغ رايونىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاياغلاشقانلىقى، باشقا رايونلاردا سىناقتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەلىرى ئىشلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نەچچە كۈندىن بىرى ئۈستىدە ھېچقانداق ماركا ۋە چۈشەندۈرۈش يېزىلمىغان بىر ئاق قۇتىلىق دورىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «كورونا ۋىرۇسىغا قارشى دورا» دېگەن نامدا ھەقسىز تارقىتىلىپ سىناق قېلىنىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
