رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللىغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا ئاياللار كىيىمى ساتىدىغان بىر بوتكا يېنىدا 20 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر يىگىتى پەيدا بولغان. بۇ يىگىت بوتكىدىن كىيىم ئېلىۋاتقان قىز - ئاياللارغا قاراپ مىللىي ئەخلاققا ئۇيغۇن كىيىم كىيىشنى تەۋسىيە قىلىپ ۋەز ئېيتقان. بۇ جەرياندا ئۇنى توسۇشقا ئۇرۇنغان ئىككى كىشى يارىدار بولغان. نەتىجىدە يەر ئاستى بازىرىدىكى خىتايلارنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشى بىلەن قوراللىق ساقچىلار ئاققوۋۇق يەر ئاستى بازىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ، بازارغا باستۇرۇپ كىرىپ يىگىتنى ۋەز ئېيتىۋاتقان جايىدىلا ئوققا تۇتقان. ئۇ ئوڭ كۆزىگە ئوق تېگىپ نەق مەيداندا جان بەرگەن. ساقچىلار يىگىتنىڭ جەسىتىنى سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن ئېلىپ كەتكەن.