ئۈرۈمچىدە چىرايىنى تونۇپ مەھەللىگە كىرگۈزۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى


30 - ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت نامىدا، چىرايىنى تونۇتۇپ مەھەللىگە كىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. خىتاينىڭ ئاسىيا كىندىكى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭۋەن مەھەللە ئولتۇراق رايونى 30 - ئىيۇلدىن باشلاپ تۇنجى بولۇپ چىراي تونۇش ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت سېستىمىسىنى يولغا قويغان. خەۋەردە «چىراي تونۇپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا كىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت شۇ ئاھالىلەر رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن» ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى كۆزىتىش ئۆيىدىكى كومپيۇتېر سېستىمىسىغا شۇ ئائىلىلىكلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ھەر بىر كىشىنىڭ كىملىكى، فوتو رەسىمى قاتارلىق ئارخىپلار كىرگۈزۈلگەن. كومپىيوتېر سېستىمىسى دەرۋازا ئالدىغا كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ چىرايى كومپىيوتېر ئارخىپىدىكى رەسىمگە ئوخشاشلىقىنى 5 سېكونت ئىچىدىلا جەزىملەشتۈرۈپ، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ چىرايىنىڭ ئوخشاشلىق نىسپىتى 95% كە يەتكەن بولسا، ئۇنىڭ شۇ رايونغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن. سىرىتتىن كەلگەنلەر ھەقىقى كىملىك ئىسپاتلىرىنى كۆرسەتكەندىن كېيىنلا ئولتۇراق رايونغا كىرەلەيدىكەن.

خەۋردە يەنە، ئۇرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇخىل چىرايىنى تونۇپ مەھەللىگە كىرىش سېستىمىسىنى كېلەر يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق ئاھالىلەر رايونلىرىغا ئوموملاشتۇرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك سېستىمىسىنى يولغا قويۇشىغا، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.