ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى دېيك كاڭ (Dake Kang) ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تۇغقانلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن مەلۇم بولغان ئەھۋاللار رېئاللىقنىڭ ھەمدە ئۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىن كۆپ ئېغىر بولغانلىقىنى دەلىللىگەن.
دېيك كاڭ سۆھبەتلەشكەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئابدۇلھاپىز مۇھەممەد ئىمىن بولۇپ ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ ھاممىسى تۆت بالىسى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ ئۆلگەن. ھاممىسىنىڭ ئېرى ئېلى مەتنىياز بولۇپ، كۆپكە تونۇلغان كارخانىچىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە 2017-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. يولدىشىنىڭ لاگېردىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان بۇ ئايال تۆت بالىسى بىلەن ئۆز ئۆيىدە «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى بويىچە قامىلىپ ئولتۇرغاندا بىناغا ئوت كېتىپ ئائىلە بويىچە كۆيۈپ كەتكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىر قىسىم ئاھالىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغانلىقتىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە كۆيۈپ كەتكەن» دېيىلگەن. ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دەرھال بۇنىڭغا رەددىيە بېرىلىپ «ئۆيلەر سىرتتىن زەنجىرلىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ھېچكىممۇ قېچىپ چىقىشقا ئامال قىلالمىغان» دېگەن مەزمۇندا ئىنكاسلار يېزىلغان. دېيك كاڭ زىيارەت قىلغان ئۈرۈمچى ئاھالىسىدىن بىرەيلەنمۇ بۇ ئەھۋالنى دەلىللەپ «ئۆيلەرنى سىرتتىن زەنجىرلەپ قويغىلى بىر ھەپتىدىن ئاشقان ئىدى» دېگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىق بۇ بىنا ئۆيلەرنىڭ زەنجىرلەپ قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئۆز ئالدىغا دەلىللەشكە ئامال قىلالمىغان بولسىمۇ ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈشىگە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىق يەنە بەزىلەرنىڭ «بۇنىڭدا نۇرغۇن سىرلىق ھادىسىلەر مەۋجۇت» دېگەندەك ئىنكاسلىرىغا قارىتا يەنە بەزىلەرنىڭ «ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى قورۇغا كىرگەندىن كېيىن مېڭىشقا ئىلاج قىلالمىغان. چۈنكى قورۇدىكى ماشىنىلارنىڭ ئىگىلىرى ئۆيلىرىدە قامىلىپ قالغان بولغاچقا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلارنى يۆتكەشكە مۇمكىن بولماي قالغان؛ يەنە بەزى ماشىنىلار نەچچە ئايلاپ ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن باتارېيەسى ئۆلگەن» دېگەنلىرىنى كۆرسىتىپ ،بۇ ئەھۋاللارنىڭمۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقالماي قالغانلار ئىكەنلىكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا دەلىللىگەن.
نۆۋەتتە ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن قېچىپ چىقىشقا ئامال قىلالماي قالغانلار ئىكەنلىكى كۆپرەك تەكىتلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.