ئۈرۈمچى شەھەر دائىرىلىرى 2016 - يىلى، 1 - مارتتىن ئېتىبارەن شەھەردىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئەتراپىدا تاماكا سېتىشنى چەكلەش ۋە بۇ يەرلەرگە ئورۇنلاشقان پارچە تاماكا سېتىش نۇقتىلىرىنى تازىلاپ، رەتكە سېلىش ئىشلىرىنى يولغا قويىدىكەن.
تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارار 27 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس تاماكا سېتىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئائىت يىغىندا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن - تۈزۈم ئىشخانىسى، سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە باشقا بىر قىسىم ئىدارىلەرنىڭ ئوراقتلىشىشى بىلەن مەزكۇر مەكتەپلەر ئەتراپىدا تاماكا سېتىشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاماكا سودىسىغا ئائىت «يېڭى لايىھە» ماقۇللانغان ئىكەن.
خەۋەردە ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەخسۇس تاماكا سېتىش نۇقتىسىدىن 13 مىڭ 600ئى بارلىقى يېزىلغان.
تاماكا مەسىلىسى خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ بىرگە ئايلانغان بولۇپ، جامائەت سورۇنلىرى، ئىشخانىلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش يولغا قويۇلماقتا ئىكەن.
«جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى»نىڭ يېزىشىچە، «خىتاي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى» بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا تاماكىنىڭ تارقىلىشىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى، ئەمما خەلقنىڭ تاماكا چەكلەش روھىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى كۆرسەتكەن.