ئۈرۈمچىدىن تايلاندقا بىۋاسىتە ھاۋا يولى ئېچىلغان

ئۈرۈمچى ھاۋا قاتنىشى دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قاتنايدىغان لىنىيە ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«شاڭخەي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىشتىن خەۋەردار خادىملار جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى مەزكۇر لىنىيەنىڭ ئۈرۈمچىدىن تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىگە قاتناشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچىدىن سەيشەنبە، پەيشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى ئۇچۇپ گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە توختاپ ئۆتكەندىن كېيىن، باڭكوكقا بارىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىۋاسىتە ئايروپىلان ئۈرۈمچىدىن باڭكوكقا بېرىش ۋاقتىنى 10 سائەت ئەتراپىدا قىسقارتىدىكەن.

باڭكوك خىتاي پۇقرالىرى ئەڭ كۆپ بارىدىغان ساياھەت مەنزىللىرىدىن بىرى. ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن باڭكوك ئېراۋان ئىبادەتخانىسى ھۇجۇمىدا ئۆلگەن 20 ئادەمنىڭ ئاز دېگەندە 5 نەپىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

دائىرىلەر مەزكۇر ھۇجۇمدا ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئادام قاراداغ، مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك ئىككى گۇمانلارنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇلار يەنە مىرئەلى يۈسۈپنىڭ قولىدا خىتاي پاسپورتى بار «شىنجاڭلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.