ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇردى.
يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن خىتاي بويىچە جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بۇ مەسىلىلەر بويىچە خەلق ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا ئىدى.
شىنخۇا تورىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە،
16 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن. بۇ كومىتېت تەركىبىدە 115 نەپەر مۇتەخەسسىس مەخسۇس يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، خەلقنىڭ پىكرىنى توپلاش ۋە ئاخىرىدا ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدىكى بىخەتەرلىك خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەڭ مۇھىم مەسىلە سۈپتىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشىپ كېلىنىۋاتقان ساھەلەردە بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسسىسلىرى يېمەك - ئىچمەكلەردىكى خىمىيىلىك ماددىلار تەركىبىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ساختا يېمەك - ئىچمەكلەر ۋە ياكى بۇلغانغان يېمەك - ئىچمەكلەر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.