خىتاي بۇ يىلقى ئۈرۈمچى ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىگە 46 دۆلەتنىڭ قاتنىشىدىغانلىقنى ئېلان قىلدى


سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى نامىدا باشلانغان چەتئەل سودا - ئىقتىساد خېرىدارلىرىنى چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش پائالىيىتى 2011 - يىلىدىن ئېتىبارەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ياۋرو - ئاسىيا كۆرگەزمىسى دېگەن نام ئاستىدىكى كەڭ كۆلەملىك سودا - ئىقتىساد ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كېلىشىم تۈزۈش پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي مەزكۇر پائالىيەتكە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارالىق سودا - ئىقتىساد ۋە پۇل - مۇئامىلە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېزىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئىدارىسى بۇ يىل 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ياۋرو - ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە 46 دۆلەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 11 دۆلەت كۆپەيگەنلىكى، كۆپەيگەن دۆلەتلەر كانادا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

شىنخۇا تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ب د ت تەرەققىيات - پىلان ئورگىنى، ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا پۇل - مۇئامىلە تەشكىلاتى قاتارلىق 7 ئورگان ئۆز ۋەكىللىرىنى قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۆرگەزمىلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان ئۈرۈمچى ياۋرو - ئاسىيا كۆرگەزمىسى 2013 - يىلى، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قاتار زور ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، مارالبېشى، لۈكچۇن ۋەقەلىرى خەلقئرا جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە رايون بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن، مۇقىملىق تەدبىرلىرى ناھايىتى كۈچەيتىلگەن ۋاقىتقا توغرا كەلدى. خەلقئرا مەتبۇلاتلاردا خىتايدىكى ئەڭ مۇقىمسىز رايون دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق كۆرگەزمە ئېچىلىپ، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى قاتنىشىشنى خالىشى تۈرلۈك تەھلىللەرگە سەۋەب بولماقتا.