ئۈرۈمچىدە يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 26 - نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى مەركىزى رايونى قۇرۇش مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياش مۇتەخەسسىسلەرنى ئاساس قىلغان مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى پەقەت يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى مەركىزى رايونى قۇرۇشقا ئائىت ئىلمىي دوكلات بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى خىتاي تەرەپ يىغىنغا قاتناشقان ياۋرو - ئاسىيا دۆلەتلىرى ياش رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەش ۋە باشقا خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرو - ئاسىيا دۆلەتلىرى ياش رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەت ئۆمىكى خىتاي مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 18 - نويابىردىن ئېتىبارەن شەنشى، نىڭشيا قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن 24 - نويابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە كەلگەن ئىدى.

بۇ ئۆمەك رۇسىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 51 نەپەر ياش پائالىيەتچىسى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا رۇسىيە پارلامېنتى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ھەم ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بار ئىكەن.

مەزكۇر ئۆمەكتىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان 26 - نويابىر كۈنىدىكى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى مەركىزىي رايون قۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن باشقا يەنە مۇھاجىرلار ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاقى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرىمۇ قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ۋە پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇش مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرو - ئاسىيا دۆلەتلىرى ياش رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشى جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ياشلارنىڭ ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش تەكلىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.