ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىسىملىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېڭى مۇلازىمەت تۈرى يولغا قويغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىسىملىرىنى باشقۇرۇش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىسىملىرىنى تەكشۈرۈش ۋە شۇنداقلا ئىسىم ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر مۇلازىمەت تۈرى يولغا قويغان. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان ئىسپات قەغىزىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ساقچىخانا ياكى ج خ تارماقلىرىغا بېرىپ بالىلىرىغا قويغان ئىسىمنىڭ مۇۋاپىق بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تەكشۈرتىدىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ مۇلازىمەت تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بالىلارنىڭ كېيىنكى ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا ئوخشاش ئىسىملىكلەر كۆپ بولۇپ كېتىش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.

بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى كونترول قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە ئۇيغۇر بالىلىرىغا قويۇلغان ئىسلامىي ئىسىملارنىمۇ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

رادىيومىز 2017-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ ھەرقايسىي جايلارغا قويۇق ئىسلامىي پۇراققا ئىگە بولغان 29 خىل ئىسىمنى چەكلەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى. ئۇقتۇرۇش بويىچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارلا ئەمەس، 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ئورگان گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» دە توختىماي بېسىلغان ئىسىم ئۆزگەرتىش ئېلانلىرى مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يولغا قويغان بۇ مۇلازىمەت تۈرى بويىچە 16 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭمۇ ئىلتىماس يېزىپ، ئىسىم ئۆزگەرتسە بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا مۇھەممەد، مۇھاجىت، سەيپۇللا، خەدىچە قاتارلىق 29 خىل ئىسىم قويۇشىنى چەكلىگەن ۋە بۇنداق ئىسىملىك بالىلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىنمايدىغانلىقى ۋە مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەينى چاغدا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، بۇنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىن ئىرادىگە قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.